خىتاي «شىنجاڭغا ئائىت ئۇچۇرلار» نى چەت ئەللەر بىلەن ئورتاقلاشقان پۇقرالىرىنى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە جازالىغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى چەت ئەلدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ئورتاقلاشقان پۇقرالىرىنى قاتتىق جازالاۋاتقانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە چەت ئەل كۈچلىرى بۇ ئۇچۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك «يالغانچىلىق توقۇش»، خىتايغا «تۆھمەت قىلىش» ھەم خىتاينىڭ «ئوبرازىنى ئىشەنچىسىزلەشتۈرۈش» ئۈچۈن قوللانماقتا ئىكەن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى رەسمىي ئۇقتۇرۇشىدا، ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۇ ئۇچۇرلار «راست» بولمىسا، نېمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ بۇنداق ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي سىياسى-قانۇن كومىتېتى 14-ئاپرىل ئۆزىنىڭ تورىدا، چەت ئەل ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىپ قولغا ئېلىنغان ۋە جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان 6 دېلونى ئېلان قىلغان. خىتاي مەركىزىي سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى، خىتاينىڭ 15-ئاپرىل «دۆلەت بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

خىتاينىڭ جاسۇسلۇققا دائىر دېلولارنى ئاشكارىلىشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇتقۇن، لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەركىتىنى جاسۇسلۇققا باغلىشى دىققەت قوزغىدى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەن شياۋ ئىسىملىك بىر خىتاي خادىمىنىڭ 2019-يىلى چەت ئەل ئاگېنتىنى 19 ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، 120 مىڭ يۈەن پۇل ئالغانلىقى، شىنجېندىكى بىر مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ لى فامىلىلىك خادىمىنىڭ بىر چەت ئەل ئاممىۋىي تەشكىلاتىنى «شىنجاڭغا ئائىت ئۇچۇرلار» بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئ‍ۈچۈن جازالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا خەن شياۋنىڭ 11 يېرىم يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن لى فامىلىلىك خىتاي پۇقراسىنىڭ قانداق جازالانغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.