خىتاي باياناتچى جاۋ لىجىيەن: «ئادرىيان زېنزنىڭ قەشقەر سوتىدا ئەرز قىلىنىشى خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.04.15

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن 14-ئاپرېل كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقلىقىنى ئسپاتلاپ چىققان دوكلاتىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ ئادرىيان زېنزنىڭ​ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى «مىش-مىش پاراڭ» دەپ ئاتاپ «ئۇ شىنجاڭنىڭ قانۇنلۇق تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلىرى ۋە جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى» دېگەن.

يېقىندا خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «خىتاي خەۋەر تورى» ئۇچۇر تارقىتىپ، «2-ئاپرېل كۈنى قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يەكەن ناھىيەسىدىكى شىيوڭيىڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئادرىيان زېنز ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالدى» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋلىجىيەن باياناتىدا «خىتاي قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار شىركەتلەر قانۇن ئارقىلىق ئادرىيان زېنزنى ئەرز قىلدى، بۇ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇ ئىش كىشىنى تولىمۇ رازى قىلىدۇ» دېگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن جاۋلىجىيەن ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى مىللىي ھوقۇق بويىچە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ بېكىتىلگەن رەسمىي نامىنىمۇ تولۇق ئاتىماي، ئۇنى باشتىن ئاخىرى «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتاپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر نامىنى قوللانمىغان.

ئادرىيان زېنز ئۆتكەن 12-ئايدا «يەرشارى سىياسىتى مەركىزى» دە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2018-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەقەت ئۈچ ۋىلايىتىدىلا ئاز دېگەندە 570 مىڭ ئادەمنىڭ مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا سېلىنغانلىقىنى، پاختىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەھسۇلات ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ خام ئەشياسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئاشكارىلىغانىدى.

مەزكۇر دوكلاتتىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە «H&M» قاتارلىق داڭلىق كىيىم ماركىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى مەنبە قىلغان پاختىلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي بولسا شۇندىن كېيىن ئادرىيان زېنزنى ھاقارەتلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ پاختىلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تېرىۋاتقانلىقى مەزمۇن قىلىنغان تەشۋىقاتلارنى تارقىتىپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.