خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ئالتە تىرىليون دوللارلىق قەرزى بارلىقى مەلۇم بولدى

خىتاينىڭ «ئىقتىسادىي جەھەتتە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن كۈچ» دەپ تەرىپلىنىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل تەرىپلەشتە تىلغا ئېلىنماي كەلگەن سەلبىي تەرەپلىرىمۇ ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى.

18-ئۆكتەبىر كۈنى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھازىرچە خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى جەملىگەندە بۇنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئالتە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بېرىلدى.

«سودا چەمبىرىكى» گېزىتىنىڭ 18-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار مالىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھالنى ئومۇملاشتۇرۇپ «بۇ پەقەت بىزگە ئاشكارىلانغان ئەھۋالنىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسى. بۇ خىل قەرزنىڭ ئەمەلىي مىقدارى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە زور بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، بۇ ئىچكى قەرزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە ئوبوروتىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ قەرز مىقدارىنى كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىق كۆرۈلسە سەرپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ خىل قەرزنىڭ بارغانسېرى زورىيىپ كېتىشىگە غەرەزلىك ھالدا يول قويماقتا ئىكەن.

ئۆتكەن مەزگىللەردە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سانى ۋە كۆلىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ بېرىۋاتقان «لاگېرلار قۇرۇلۇشى» غا غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.