تېخى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تۇرپان ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرگە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، يەنە مەتبۇئاتلاردا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى تەۋەسىدىكى بىر قانچە يېڭى شەھەرلەرنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىشقا باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قازاقىستان چېگراسىغا جايلاشقان قورغاس ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا رەسمىي شەھەر بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، 18 - ئاپرىل كۈنى قورغاس شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە قورغاس شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتى.
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان قورغاس شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 37 نەپەر ئەزاسى بار بولۇپ، بۇ ئەزالار 14 - 16 - ئاپرىل كۈنلىرى ئېچىلغان قورغاس شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن.
خەۋەردىن،مەلۇم بولۇشىچە، قورغاس شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكىرتارلىقىغا ۋاڭ گاڭ ئىسىملىك بىرى تەيىنلەنگەن.
قورغاس شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم ۋە خەلق قۇرۇلتىيىدىن نەيىم ياسىن ۋە ئەسقەر تۇرسۇن ئىسىملىك ئىككى شەخس قاتناشقان.
يېڭىدىن قۇرۇلغان قورغاس شەھىرىنىڭ نوپۇسى 40 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، قورغاس خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇھىم چېگرا ئېغىزى ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون دەپ بېكىتىلىپ زور مەبلەغ ئاجرىتىلغان.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قورغاس رايونىدا ئەسلىدە ئۇيغۇرلار، قازاقلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئاممىۋى قېچىشتىن كېيىن خىتاي كۆچمەنلىرى كۆپلەپ ئورۇنلىشىشقا باشلىغان. ھازىر قورغاس شەھىرىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ۋە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپىيىش مۇمكىن ئىكەن.