ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە ئوغرىلىقچە ياردەم بېرىۋاتقان خىتايغا چەكلىمە سىزىقى بېكىتكەن
2022.03.25
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ئىمبارگودىن ھالقىپ ئۆتۈپ، رۇسىيەگە پۇل-مۇئامىلە، ماددىي ئەشيا، ھەتتا ئەسكىرىي لازىمەتلىكلەر ياردىمى بېرىۋاتقان، ئىقتىسادىي جازانى سودا پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىزىل سىزىق بېكىتكەن.
رۇيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ناتو (NATO) غا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى جىددىي يىغىنىغا قاتنىشپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا ئورتاق تەدبىر ئېلىشنى قارار قىلىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت خەپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جېك ساللىۋان (Jake Sullivan) 23-مارت كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «7 دۆلەت گۇرۇھى» ئەزالىرىنىڭ پات ئارىدا خىتايغا ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ۋە باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىمبارگوغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جېك ساللىۋان مۇنداق دېگەن: «بۇ پەقەت خىتايغىلا ئەمەس، رۇسىيەگە بېرىلگەن ئىقتىسادىي جازاغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ياكى ئۇنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەر قانداق ئىقىتسادىي گەۋدىگە قارىتىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا بۇ سىگنالنى بەردى، ئەمدىكى گەپ بىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىر يەرگە كېلىشىمىزدۇر».
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلار، كومپيۇتېر، ئايروپىلان زاپچاسلىرى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق مۇھىم مەھسۇلاتلارنى رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن بولۇپ، چەكلىمىنى بۇزغان شىركەتلەرنى جازلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىمبارگونى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، رۇسىيە ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ بۇغدايلىرىنى ئالماقچى بولغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان سودا چەكلىمىسىنى بۇزۇپ، ئاللىقانداق يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ياكى ئۆزلىرى يوچۇق پەيدا قىلىپ، رۇسىيەگە داۋاملىق ئىقتىسادىي ياردەم، ھەتتا ھەربىي ياردەم بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. جېك ساللىۋاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ قېتىم خىتاينىڭ قىلمىشىغا ئېنىق چەك بېكىتكەن.