خىتاي بىلەن روسىيە ياپونىيە دېڭىزىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى رەقىبلەردىن بولغان خىتاي بىلەن روسىيە جۈمە كۈنى ياپونىيە دېڭىزىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەزكۇر مانېۋىر ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن شۇ خىلدىكى مانېۋىرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ زور كۆلەمدىكىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي ئىلگىرى باشقا چەتئەل ئارمىيىسى بىلەن بۇنداق كۆلەمدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئىكەن.

مانېۋىرغا «بىرلەشمە دېڭىز - 2013» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، مانېۋىر 5 - ئىيۇلدىن 12 - ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدىكەن.

مەزكۇر مانېۋىرىنىڭ ياپونىيە - خىتاي ئارىسىدىكى دېڭىز ماجىراسى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەتنى چەكمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە يەنە، بۇ ئىككى تەرەپ بۇ يىل ئاۋغۇستتا رۇسىيەنىڭ ئۇرال تاغلىرى رايونىدا تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن.

بۇ ئىككى دۆلەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەزالىرى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان «تىنچلىق بۇرچى» نامىدا تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئىدى.