خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدا «خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇش باھار پەسىللىك لاگېر پائالىيىتى» گە ئورۇنلاشتۇرغان.
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، «خىتاي تىلى كۆۋرۈكى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ لاگېرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىران قاتارلىق 8 دۆلەتتىن كەلگەن 500 گە يېقىن ياش قاتناشقان ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ پائالىيەت خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، «بالىلار 15 كۈنلۈك لاگېر جەريانىدا خىتاي تىلى ئۆگىنىدىكەن ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن چوڭقۇر تونۇشىدىكەن.»
سۈرەتلىك خەۋەردە، بۇ ياشلارنىڭ خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقان، موي قەلەم بىلەن مەسنەۋى يېزىشنى ئۆگىنىۋاتقان ۋە خىتايچە سەنئەت نومۇرلىرى كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلغان. ھەتتا خىتاي مۇئەللىم ئۇلارغا خىتايچە چاي ئىچىش ۋە دەملەش مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى مەدەنىيەت ياراتقان، مول مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ياشلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلمىغان. ھەممە نەرسە جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيىتى رامكىسى ئاستىدا تونۇشتۇرۇلغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى كۆزلەپ تۇرۇپ، رايون دۆلەتلىرى بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023-يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ بارغانچە چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن سىياسىي تەشۋىقاتنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇشقا شارائىت ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغانىدى.