نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرى قايتىدىن خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرىنى پاي بازىرىدىن چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-01-07
Share

6-يانۋار چارشەنبە كۈنى، نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرى يەنە قايتىدىن خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ پاي چەكلىرىنى ئاكسىيە بازىرىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرى ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈچلۈك بېسىم قىلىشى بىلەن قارارىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغانىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرى پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئۆتكەن نويابىردا ئىمزالىغان مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتى بولغان ‹خىتاي بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى›، ‹خىتاي تېلېگراف شىركىتى› ۋە ‹خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى› نىڭ پاي چەكلىرىنى ئاكسىيە تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق كېيىن قارارىدىن يېنىۋالغان ئىدى.

نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرى بولسا چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى مۈلكنى كونترول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى «يېڭى يېتەكچى قارارى» نى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، قارار دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىدىكەن. نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرىنىڭ بۇ يېڭى قارارى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مالىيە ئالاقىسىنى ئۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېن ساسسې سۆزىدە «ئەڭ ئاساسىي ئوچۇق-ئاشكارىلىق تەلىپىنىمۇ رەت قىلىپ كەلگەن ۋە خىتاي ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكىنىڭ مەبلىغىدىن پايدىلانماسلىقى كېرەك»، دېگەن.

بۇندىن ئىلگىرى «FTSE Russell» ۋە «S&P»، «Dow Jones» قاتارلىق پايچەك كۆرسەتكۈچلىرى خىتاي شىركەتلىرىنى يەر شارى كۆرسەتكۈچىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت