پاكىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.05.11

پاكىستان ھۆكۈمىتى زېممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك 300 مىليارد رۇپىيەلىك قەرز توختامى تېخى تۆلەنمىگەن بولغاچقا «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» قۇرۇلۇشى تەركىبىدىكى خىتاي شىركەتلىرىدىن يىگىرمە نەچچىسى ئۆزلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستاندىكى «شەپەق» خەۋەر تورىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى پاكىستان پىلان ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى ئېھسەن ئىقبال بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن «بىز تەكىتلەۋاتقان قەرز سوممىسى ئەمەلىيلەشمىسە، قۇرۇلۇش توختامىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز» دېگەن. خەۋەردە بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئېنېرگىيە، ئۇچۇر-ئالاقە، تۆمۈر يول ۋە باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان خىتاي زىيارىتى جەريانىدا بۇ قەرزلەرنى تېز ئارىدا تۆلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ تەختتىن چۈشۈشى بىلەن بۇ ۋەدە ئەمەلگە ئاشمىغان ھەمدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئاقساپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئەكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ماھىيەتتە «قەرز دېپلوماتىيەسى» بولۇپ، ئاۋۋال مەلۇم بىر دۆلەتنى زور مىقداردا قەرزگە مەھكۇم قىلىپ قويۇش، ئاندىن قەرزنى قىستاش باھانىسىدە بۇ دۆلەتنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرگە ماقۇل بولۇشقا مەجبۇرلاش شەكلىدە داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. نۆۋەتتە پاكىستاندىكى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشىنىڭمۇ مۇشۇ خىل ئاقىۋەتكە قېلىشى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.