ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي تېخنولگىيە شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.07.15

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15-ئىيۇل كۈنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بەزى خىزمەتچىلىرىگە ۋىزا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇنداق دېيلگەن: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيادىكى ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ ئۈمىد چىرىغى، ئاۋازى بوغۇلغانلانىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلدى. بىز دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاي ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى تۇرۇۋاتىمىز»

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ۋىزا چەكلىمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازەرەت سىستېمىسى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇشتا ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشقان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدىكەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېلېگراف شىركەتلىرى ئەستايىدىل ئويلىشىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار خۇاۋېي شىركىتى بىلەن سودا قىلىۋاتقان بولسا، ئۇ چاغا ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلار بىلەن سودا قىلىۋاتقان بولىدۇ.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ھەمكارلاشقان نەچچە ئونلىغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.