ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن يەنە 29 خىتاي شىركىتىنى جازالىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان
2024.11.27
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن، يەنە 29 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئېلىشى، ئىقتىسادىي كاساتچىلىقتىن قۇتۇلۇش يولى ئىزدەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
بۇ جازا يېقىندا ئىقتىسادنى كاساتچىلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان خىتاينىڭ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى 22-نويابىر «شىنجاڭ رەڭلىك مىتاللورگىيە گۇرۇھى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەندىن كېيىن، خىتاي دىپلوماتىك قاناللىرى ئارقىلىق ئامېرىكاغا رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ خەلقئارا تەشۋىقات قانىلى بولغان CGTN نىڭ 27-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكاغا قاتتىق دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى «ئامېرىكانىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى بولمىغان بۇ ھەرىكىتى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش نامىدا ئېلىپ بارغان تىپىك ئىقتىسادىي زومىگەرلىك» دەپ ئەيىبلىگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ ئۆتكەن ھەپتە X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى» ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، رايوندىكى «ئاساسلىق مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىغا ئايلانغان.»
ھالبۇكى، CGTN نىڭ خەۋىرىدە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك دەيدىغان بىر نەرسە يوق» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي سودا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاينىڭ قانداق «زۆرۈر تەدبىرلەر» نى قوللىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
ئامېرىكانىڭ يەنە 29 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئېلىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 19-نويابىر كۈنى «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش قانۇنى» نى ماقۇللىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان ئىدى.