رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى تىجارىتىدىكى ئاستىلاش داۋاملاشماقتىكەن. خىتاي سودا مىنىستىرى شېن دەنياڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «خىتاينىڭ تاشقى تىجارىتىدىكى قىيىنچىلىقلار قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، تىجارەتنى ئاستىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان بېسىملار ھېلىھەم يۇقىرى ۋە ئېنىقسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇستەھكەم بولمىغان كارخانىلارمۇ جىقلاپ مېڭىۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن :
«بىز خىتاينىڭ ئىمپورت ۋە ئېكسپورتىدا قارىغۇلارچە ھالدا ئىجابىي بولساق بولمايدۇ. چۈنكى ۋەزىيەت ھېلىھەم مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك».
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن كىرىۋاتقان ماللارغا قاراتقان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدىلا 20 دۆلەت ۋە رايون خىتاينىڭ 10 مىليارد دوللاردىن ئوشۇق قىممەتكە ئىگە بولغان ئېكسپورت تۈرلىرىگە قارىتا 85 خىل تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان. ئامېرىكىمۇ ئۆز قانۇنلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئاساسەن خىتايدىن كىرگەن ماللارغا قارىتا 15 تۈرلۈك تەكشۈرۈش باشلاتقان ئىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى تەڭسىز تىجارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن. بۇ دۆلەتلەر يەنە خىتاينى ئېشىنچا ئاليۇمىن ۋە پولات مەھسۇلاتلىرىنى زور دەرىجىدە ئېكسپورت قىلىپ، خەلقئارا سانائەتكە ۋە باھاغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.