ئۈرۈمچىدە خىتاي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ «ياردەم بېرىش» يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-07-07
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 7-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىر كۈن ئىلگىرى «مەملكەتلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى كومپارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو ۋە مەملىكەتلىك ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چېن چۇەنگۇ مەخسۇس سۆز قىلىپ ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ھەرقايسى خىتاي ئۆلكىلىرى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە» دېگەن قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ئۈچۈن مۇھم ياردەملەردە بولغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە: «ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىمىزگە ئىلگىرىكىدەك قىزغىن ياردەمدە بولۇشىنى ھەمدە قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن,» دېگەن.

جوۋ چياڭمۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ «قانۇن ياردىمى» نى ئايىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسى» نىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ خىتاي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە سوت تەرتىپىسىزلا قاماققا ھۆكۈم قىلىشقا ياردەم بەرگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى. رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىللەشلىرىمۇ لاگېرلارغا قامالغان مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ سوتلانمايلا ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى ئۆلۈم جازاسى ۋە ئېغىر قاماق جازالىرىنىڭ 20 پىرسەنتتىن ئارتۇقراقىنىڭ پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئەمەلگە ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ھېمايىچىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رېنې شيا بۇ ھەقتىكى باياناتتا «بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ‹ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش› ھەركىتىنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى،» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت