ئامېرىكا شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.07.29

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلېنكىن 28-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ياپونىيەدە «تۆت تەرەپ خەۋپسىزلىك دىيالوگى» (QUAD) قا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشقان. NBC تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيەدىن تەركىب تاپقان بۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەتەرلىك ھەربىي مانېۋىرلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە دېڭىز مۇداپىئەسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە قىلىشقان.

شۇ كۈنى يەنە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى خەۋپسىزلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەتتىن كېيىنكى بىرلەشمە باياناتتا خىتاينى «رايون دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك رەقىب» دەپ جاكارلىغان.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ۋەزىيىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز. بىز بۇ رايونلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى زورلۇق ياكى مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتمەكچى بولغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتكە كۈچلۈك قارشى تۇرىمىز».

«ۋال سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە، ياپونىيەدە يېڭى بىر ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى قۇرۇپ، بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە كېلىشكەن. بۇ قوماندانلىق مەركىزى ياپونىيە تەرەپ بىلەن ھەربىي ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش، بىرلەشمە مانېۋىرنى پىلانلاش، ئەگەر ئۇرۇش پارتلىغان تەقدىردە دۆلەتنى قوغداشتەك مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.