خىتاي تاراتقۇلىرى ياۋروپانىڭ دىننى باشقۇرۇشتا خىتاينىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-11-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 7-نويابىردىكى ئىنگلىزچە نەشرىدە «ياۋروپا جۇڭگونىڭ دىننى قانداق باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوبدان ئۆگىنىشى كېرەك» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ دىنىي مەسىلىلەردە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى تىلغا ئېلىنىپ، تىغ ئۇچىنى ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاخباراتلىرىغا قاراتقان.

6-نويابىر كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىنى تېزدىن تاقىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قاراتقان ئاتالمىش ‹ناچار مۇئامىلىسى› نى تەنقىد قىلماقتا. ئۇلار تېخى بېيجىڭنى كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تاقاشقا چاقىرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئەسەبىي ئىسلامچىلارنى يوقىتىپ، ئاۋام پۇقرالارنىڭ دىنىي ئاشقۇنلارنىڭ يامان تەسىرىگە ئۇچرىشى ۋە باشقا خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-نۆۋەتتىكى يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا ياۋروپا ھە دېسىلا جۇڭگۇنى تەنقىد قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىگە قاراپ چىقىشى كېرەك،» دېگەن.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھازىر جىددىي تۈردە ئىسلاملىشىش ياكى ئەسەبىي ئىسلامچىلارنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا جۇڭگوغا خالىغانچە باھا بېرىشنىڭ ئورنىغا جۇڭگو بىلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ، قانداق قىلغاندا بۇ ئورتاق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىشى كېرەك.»

مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرى تىۋىتتېردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. ئۇلار بىردەك بۇ ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى ۋە لاگېر تۈزۈمى ئېتىراپ قىلىنغان شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ خىل تەقىب سىستېمىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك قارا نىيىتى ئاشكارىلانغان، دەپ قارىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇم قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋروپاغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقى توغرىلىق جار سېلىۋاتقاندا بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ جەنۋەدىكى يىغىندا خىتاينى تەنقىد قىلمىغانلىقىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت