خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى شىتابىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى 25-فېۋرال كۈنى يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئۇيغۇرلارنى ساقال-بۇرۇت ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغىنىمىز يوق، بىز پەقەت تېررورلۇقنى يوقىتىۋاتىمىز» دېدى.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چەتئەل مۇخبىرلىرى باش ئەلچى چېن شۈگە سوئال قويۇپ «ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن تاشقى كۆرۈنۈشتە غەيرىيلىك بار دەپلا تۇتقۇن قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا ئاشۇنداق جاۋاب بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەل مۇخبىرلىرى يېقىندا ئاشكارا بولغان ھۆججەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ شۇنداق سوئال سورىغان ئىكەن.
يېقىندا ئاشكارا بولغان «قارىقاش ھۆججەتلىرى» دىمۇ بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ ھېجاپلانغانلىقى ۋە ساقال-بۇرۇت قويغانلىقى سەۋەبلىك «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇر» دەپ قارالغانلىق ھەمدە لاگېرغا سولانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىش›تەك كونا ئۇسۇلىنىڭ تەكرارلىنىشى، خالاس» دېدى.