خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئۈچ يىلدا يۈز مىڭ كىشىنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان «مائاشلىق ئىشچىلار» نىڭ سانىنىڭ ئاللىقاچان يۈز مىڭدىن ئاشقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 10-ئىيۇندىكى سانىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا قەشقەر ۋە خوتەن رايونىدا يۈز مىڭ كىشى مائاشلىق خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇلار بىردەك پارخانىغا ئوت قالاش، ساتىراشلىق، كەپشەرلەش، بولكا پىشۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانىكەن شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە باشقا جايلارغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى «يەرلىك ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار ھەمدە لاگېر مەھبۇسلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە. خەلقئارانىڭ بېسىملىرىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن «لاگېر زىيارىتى» جەريانىدا ئېكىسكۇرسىيەچىلەر ئاتالمىش «كۇرسانتلار» نىڭ تۈرلۈك «كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى» نى كۆرگەنىدى.

مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىشخانىلاردا ئولتۇرىدىغان ۋە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئىشلارنى خىتاي ئاققۇنلىرىغا تەقسىملەپ، يەرسىز دېھقانلار ھەمدە لاگېرلاردىن ‹ئىدىيە ئۆزگەرتىپ› چىققان مەھبۇسلارنى ئاشۇ خىلدىكى تۆۋەن مائاشلىق خىزمەتلەرگە سېلىۋاتىدۇ» دېدى.