خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ئەۋج ئالغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ ئاۋام پۇقراغىچە «پارتىيەگە قەسەم بېرىش، پارتىيەنى كۈيلەش، پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىش، پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىش» پائالىيەتلىرى جانلىنىپ كەتكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونى پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو، مۇئاۋىن سېكرىتارى شۆھرەت زاكىر ۋە بىڭتۇەن ئەمەلدارلىرى «8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى» دا زىيارەت ۋە ئۆگىنىشتە بولغان ھەمدە يېڭى پارتىيەگە كىرگەنلەر بىلەن بىرلىكتە قەسەم بېرىپ، «پارتىيە روھى» نى قايتا ئۇرغۇتقان. چېن چۈەنگو يەنە يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋر خىتاي سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى» بىلەن قوراللىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام بەرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر رايونىدا يەنە «ۋەتەنپەرەۋەرلىك تەربىيەسىدە نەمۇنىلىك بەش ئورۇن» باھالىنىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئىشچى-دېھقان 4-قىزىل ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيى، ماۋ زېمىن (ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىنىسى) خاتىرە ئۆيى، قاراماي مۇزېيى، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى، ۋۇجيا چۈ شەھىرى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى قاتارلىقلار ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، ئاتالمىش «پارتىيە مەدەنىيىتى» ئۇنىڭ يادرولۇق قىسمى ھېسابلىنىدۇ. شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى كەڭ-كۆلەملىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنىڭ بۇ قېتىملىق قەسەم بېرىشى كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئېغىر بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، قانچە بېسىمغا ئۇچرىغانچە «ئاداققىچە كۈرەش قىلىش» قەسەملىرىنى شۇنچە ئۈنلۈك ۋاقىرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» ئېلىپ بارىدىغان نەمۇنىلىك ئورۇنلىرى ئاساسەن دېگۈدەك كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان ئورۇنلار ھېسابلىنىدۇ.