خىتايدا ئىشلەنگەن «ئورتاق تەقدىر» ناملىق كىنونىڭ ئېلان سۈرىتى دىققەت قوزغىماقتا

خىتايدا ئىشلەنگەن ۋە 30-ئاۋغۇست قويۇلۇشى پىلانلانغان «ئورتاق تەقدىر» فىلىمىنىڭ ئېلان سۈرىتىدە بىر ھىجابلىق ئايالنىڭ ئورۇن ئېلىشى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىغان.

شىنخۇا تورىنىڭ 28-ئاۋغۇستتىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «ئورتاق تەقدىر» ناملىق بۇ فىلىم خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى رېژىسسورلار قوشۇنى تەرىپىدىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن. مەزكۇر فىلىمدە بىر ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ يىپەك يولىنى بويلاپ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تەۋە دۆلەتلەردىن كېسىپ ئۆتۈشى ھەمدە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ئوخشىمىغان مەنزىرە ۋە پەرقلىق ھېكايىلەر بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل مىللەتتىكى كىشىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئارزۇلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن «ئىجابىي» تەسىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فىلىم خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئاتاپ مەخسۇس ئىشلەنگەن ئىكەن.

خەۋەردىكى ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، بىر ھىجابلىق ئايالنىڭ مەزكۇر فىلىمنىڭ ئېلان سۈرىتىدە ئورۇن ئېلىشىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىسلام دىنىنى «ئاشقۇن ئىدىيە تارقاتقۇچى دىن» دېگەن نامدا بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ روشەن ئىپادىلىرى بولسا يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلىنىپ كەلگەن ھىجاب ئارتقان، ناماز ئوقۇغان ۋە كوللېكتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىپ، مېڭە يۇيۇلۇشقا ئۇچرىشىدۇر.

دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى» بولغان ھىجابنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان فىلىمنىڭ ئېلان سۈرىتىدە ئەكس ئېتىشى چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدىكى كۈچلۈك غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولماقتا.