تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پىچان ناھىيىسىنىڭ پىچان يېزا چوققىتام مەركىزى مەكتىپىدە «دۆلەت بايرىقى بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» دېگەن تېمىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان.
خەۋەردىكى رەسىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، پائالىيەتتە بىر گۇرۇپپا ئۆسمۈرنىڭ ئارقىسىدىكى تامغا چوڭ بىر خىتاي دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان، ئۇلارنىڭ قوللىرىغا بىردىن بايراق تۇتقۇزۇلغاندىن باشقا، مەڭىزلىرىگىمۇ كىچىك بايراقلار يېپىشتۇرۇلغان.
خىتاينىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە بايراق چىقىرىش پائالىيىتى كەنتلەرگە قەدەر كېڭەيتىلگەن، ھەتتا خىتاي بايرىقى بەزى جايلاردا مەسچىتنىڭ قورۇسىدىن باشقا يەنە مېھرابىغىمۇ ئېسىلغان ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتىنىڭ شەكىللىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ۋە غەيرىيلەشمەكتە.
بۈگۈن يەنە تەڭرىتاغ تورىنىڭ بىر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پىڭشىن ئاقسۇ قارتالنىڭ بۆزچى كەنتىدىكى مويدىن ئىسىملىك دېھقان بىلەن قوشماقلىشىپ «تۇغقان» بولغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل سۈنئىي تۇغقاندارچىلىق تەربىيىسىنىڭ تەربىيە ئوبيېكتى ئۇيغۇرلارنى يىرگەندۈرىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.