خىتاي ۋە تەيۋەن پرېزىدېنتلىرى تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشمەكچى


خىتاي ۋە تەيۋەن پرېزىدېنتلىرى 66 يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشمەكچى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ۋە تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ 7 - نويابىر سىنگاپوردا ئۇچرىشىدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ تەيۋەندە خىتايغا قارشى پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان مەزگىلگە ھەمدە تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلاملىرىنىڭ ئالدىغا توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىغان.

BBC دا خەۋەر قىلىشىچە، ھەر ئىككى تەرەپ سۆھبەتلەرنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، جاڭ جيېشى تەيۋەنگە چېكىنىپ، ئەسلىدىكى «جۇڭخۇا مىنگو» نامىدىكى دۆلەت ئاپپاراتىنى ساقلاپ قالغان.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تا ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلماي كەلگەن. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى 2008 - يىلى ما يىڭجيۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان بىر قەدەر ياخشىلانغان.

بەزى مەلۇماتلاردا بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا نۆۋەتتە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە - گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقىلىغۇچى - دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىگە ئۇتتۇرۇپ قويىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان ئىدى.

ئىككى تەرەپ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تارىخىي ئۇچرىشىشىدا يەنە نېمىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ھازىرچە ئاخباراتقا قاراڭغۇ.