خىتاي ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان زور كۆلەملىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى باشلىغان
2023.12.27
خىتاي يېڭى بىر تۆمۈر يول تورى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قازاقىستاندا قۇرۇلۇش باشلىغان. مەزكۇر تۆمۈر يول تورى ئۈچ دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ياۋروپاغا بارىدىغان ساياھەتنى 900 كىلومېتىر قىسقارتىش ۋە سەككىز كۈن ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئەنگلىيەدىكى «express» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي نۆۋەتتە قازاقىستاننىڭ شەرقىدىكى ئاياگوزدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن چېگرالىنىدىغان باقتۇ چېگرا ئېغىزىنى تۇتاشتۇرىدىغان 272 كىلومېتىرلىق تۆمۈر يول لىنىيەسى ياسىماقتىكەن. قازاقىستان ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە قوش رېلىسلىق تۆمۈر يولنىڭ 2027-يىلى ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
«express» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش ھەققىدىكى كېلىشىم بۇ يىل خىتاي شىئەندە ساھىبخانىلىق قىلغان خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان ئىكەن. ئەينى چاغدا قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروف خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان (CKU) تۆمۈر يولىنى ياساشقىمۇ قوشۇلغان. بۇ تۆمۈر يولمۇ خىتاي-ياۋروپا يۈك تۆمۈر يولىنىڭ جەنۇب لىنىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولىدىكەن. خىتايدىن چىققان پويىزلار قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئىران ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدىغان بولۇپ، يۇقىرىقى لىنىيە ئارقىلىق ئومۇمىي مۇساپە 900 كىلومېتىر، ۋاقىت بولسا سەككىز كۈن قىسقىرايدىكەن.
رەسمىي لىنىيەنىڭ تەپسىلاتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما تۆمۈر يولنىڭ قىرغىزىستان بۆلىكىنىڭ قەشقەرگە، ئۆزبېكىستان بۆلىكىنىڭ ئەندىجان ئارقىلىق تورۇگارت-ئارپا-ماكمال-جالال-ئاباد كارىدورىغا تۇتىشىدىغانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «لوۋى ئىنستىتۇتى» ناملىق تەتقىقات مەركىزى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ مەزكۇر لىنىيە ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلى ئۈستىدىكى كونتروللۇقنى ئاشۇرۇش، ياۋروپا بىلەن سودا قىلىشتا رۇسىيەنىڭ قاتناش لىنىيەسىگە تايىنىشنى ئازايتىشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
بۇ دۆلەت ھالقىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى خىتاي تەشەببۇس قىلىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە «خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى» دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقانىدى.