خىتاينىڭ «تور بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسى» سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى


خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان «تور بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسى» غەرب سودا ساھەسى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ لايىھەنىڭ تور چەكلىمىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىليام نېي فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا پىكىر بىلدۈرۈپ، «بۇ لايىھە رەسمىي قانۇنغا ئايلانمىغان بولسىمۇ، بىراق بىز ئۇنىڭ ھازىرقى تور چەكلىمىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دېدى.

ۋىليام نېينىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قانۇن تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىدىن دېرەك بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنى جازالاشنى ئېغىرلاشتۇرىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن يەنە، غەرب سودا ساھەسىنى ئەندىشىگە سالغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى جورگ ۋۇتكې، «ئەڭ ئاساسلىق ئەندىشەم، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تىلى خىتاينىڭ باشقا قانۇنلىرىغا ئوخشاشلا ناھايىتى مۈجمەل. ئۇنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس» دېدى.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بۇ قانۇن ئۇيغۇر تورچىلىقىغا زەربە بېرىشنى قانۇنلاشتۇرىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىشىنى ۋە توردا ئەركىن پىكرى بايان قىلىشىنى تېخىمۇ بوغىدىكەن.

لېكىن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مەزكۇر قانۇننىڭ تور بىخەتەرلىكى، خىتاينىڭ تور ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.