خىتاي ئۈرۈمچىدە ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ


ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 5 - قېتىملىق خىتاي - ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر خەلقئارالىق پائالىيەت 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە يەنە «2 - قېتىملىق خىتاي - ئاسىيا - ياۋروپا نەشرىيات كۆرگەزمىسى» ۋە «3 - قېتىملىق ئاسىيا - ياۋروپا كىنو كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزىلىدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق نەشرىيات بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە 17 دۆلەت قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كەڭ بىر قىسىم ئورنى ئاجرىتىلغان.

دائىرىلەر مەزكۇر نەشرىيات ۋە كىنو كۆرگەزمىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئۆزگىچىلىكى ۋە ئىسلاھات ھەم ئېچىۋېتىشتە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋر قىياپىتىنى تولۇق ئىپادىلەيدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

ئەمما، ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىممۇ خۇددى ئىلىگىرىكىدەك كۆرگەزمە مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

«ياشىن» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى «خىتاي - ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى» مەزگىلىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە قاتناشنىڭ راۋانلىقى ئۈچۈن 19 - سېنتەبىردىن 25 - سېنتەبىرگىچە شەھەر ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇھىم يوللاردا كۈندۇزى سىرتنىڭ ئۇزۇن يوللۇق قاتناش ئاپتوبۇسلىرىدىن باشقا خۇسۇسىي ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىنى بىردەك چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ھەر قايسى ئۆلكە، ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىش بېجىرىشتە ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللىرى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارمىقىنىڭ تامغىسى بېسىلغان يۈرۈش كىنىشكىسى بېجىرىش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما، سىرتتىن كىرىدىغان شەخسىي ئاپتوموبىللارغا بىردەك كىنىشكا بېجىرىپ بېرىلمەيدىكەن.