شى جىنپىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە قىلغان 4 قېتىملىق سۆزىدە خىتاينى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە چاقىرغان
2023.03.30
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە 4 قېتىم خىتاينى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا چاقىرغان. ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەر شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئامېرىكادا چىقىدىغان «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنلىرىدا سۆزلىگەن 4 ئايرىم نۇتقىدا خىتاينى ئۇرۇشقا تەييارلىنىشقا چاقىرغان ھەمدە يەنە بىر سۆزىدە گېنېراللىرىغا «جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش» نى تەكىتلىگەنىكەن.
«تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدىكى ماقالىنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى ھەمدە يەنە خىتاي ھەققىدىكى بىر قانچە كىتابنىڭ ئاپتورى جون پومفېرت (JOHN POMFRET) ۋە شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ماتېۋ پوتتىڭگېر (MATT POTTINGER) لار يازغان بولۇپ، ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە قىلغان 4 سۆزىدە ئۇرۇش قىلىشنى تىلغا ئېلىشىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن. ئۇلار ماقالىسدا بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئامېرىكا ۋە دۇنيانى شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇش تەھدىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان. ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ ھەدەپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە سۆز قىلىشىنىڭ ئۇنىڭ تەيۋەننى قورقۇتۇپ قىلىۋاتقان سىياسىي ئۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە: «شى جىنپىڭنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىپ تۇرۇپ تەيۋەن ئارىلىنى ئېلىشنى خالايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ئېنىق بولمىغىنى، ئۇنىڭ بۇ ئىشتا ئامېرىكا بىلەنمۇ كونترولسىز ھالدا تىركىشىش خەۋپىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋالىدىغانلىقىدەك ئېھتىماللىقنى ھېسابلىغان ياكى ھېسابلىمىغانلىقىدۇر» دەپ يازغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ بۈگۈن تىۋىتتېرىدىكى ئۇچۇرىدا شى جىنپىڭنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە 4 قېتىم ئۇرۇش ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكالىقلارنى ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان.