خىتاي ئۇيغۇر دىيارىغا سودىگەر چاقىرىش قەدىمىنى تېزلەتتى
2024.04.12
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 700 مىليارد يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىغا سودىگەر چاقىرىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بېيجىڭدا بەزى چەت ئەل دۆلەتلىرىگە قارىتا «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللاش دىپلوماتىك تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە، سودا مەركىزى بولغان شاڭخەيدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا سودىگەر چاقىرىش يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارنى بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان. بۇ يەرمەنكە غەرب ئەللىرى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىش ياكى چەكلەشنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رايوندا خىتاينىڭ «8 چوڭ سانائەت توپى» بەرپا قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ 12-ئاپرېل شاڭخەيدە ئۆتكۈزگەن سودىگەر چاقىرىش يەرمەنكىسىدە، 8 مىليارد 429 مىليون قىممىتىدىكى 20 خىل تۈر بويىچە كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق ئالاھىدە ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. ھالبۇكى، رايوننىڭ توقۇمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىياللار ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى، ئامېرىكا قانۇن چىقىرىپ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن نۇقتىلىق ساھەلەر ھېسابلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق زور كۆلەملىك يەرمەنكە ئۆتكۈزۈپ، سودىگەر چاقىرىشى ئىكەن.
خەۋەرلەردە سودىگەر چاقىرىش ئۆمەكلىرىنىڭ نۇقتىلىق «8 چوڭ سانائەت توپى» ، «ئەركىن سودا رايونى» قۇرۇلۇشى ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىگە سودىگەر چاقىرغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يىل 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 8-قېتىملىق «خىتاي ۋە ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» گە سودىگەر چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كۆلىمىمۇ كېڭەيمەكتە ئىكەن.