خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلاپ تەقىب قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.02.22

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 22-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ياللىۋالغان خۇسۇسىي خاككېر شىركەتلىرىنىڭ ئىچكىي ئەھۋاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان.

ئاشكارا بولغان بىر توختام لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنشۈن I-Soon (安洵) شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلاپ تەقىب قىلىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساپ بەرگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ تېخنىكا ئارقىلىق موڭغۇلىيە، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيدىكەن.

شەخسىي بىخەتەرلىك ھۆددىگەرلىك شىركىتى ئەنشۈن I-Soon (安洵) دا ئىشلىگەن ئىككى خىزمەتچى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا توردا ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن.

مۇتەخەسسىسلەر توختام، لېكسىيە ۋە خېرىدارلار تىزىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 190 مېگابايتلىق ئاشكارىلانغان ئۇچۇرنى تەھلىل قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ مەلۇماتلار خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەخسلەر، ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللانغان تاكتىكىسىنى بىلىشتە كەم ئۇچرايدىغان ئۇچۇرلار ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر ھۆججەتلەردە يەنە خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن باشقا توردىكى قىمار شىركەتلىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار مەلۇم بولغان.

ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيادىكى تور ئوغرىلىقى ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋە شەخسىي شىركەتلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىلىق مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئاشكارىلىنىش، ۋاشىنگتوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ئەندىشە ۋە تەشۋىش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.