«ئومىكرون» ۋارىيانتى بېيجىڭغا تارقالغان

خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكا مەركىزى بولغان بېيجىڭ شەھرى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ «ئومىكرون» ۋارىيانتىنىڭ تارقىلىشى بىلەن پات-پاراقچىلىققا چۈشۈپ قالغان.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 17-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئومىكرون ۋارىيانتى نۆۋەتتە بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردە بايقالغان. خىتاينىڭ چاغان بايرىمى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان، شۇنىڭدەك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئۈچ ھەپتە قالغان بىر پەيتتە, يېڭى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن بىر يېڭى باش ئاغرىقى بولماقتا ئىكەن. گەرچە ھازىر يۇقۇمدارلارنىڭ سانى ئون نەچچە بولۇپ، بۇ ساننى بەك كۆپ دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكى يۇقۇمنىڭ بالايى-ئاپەتلىرىنى ئۇنتۇمىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ھال يەنىلا بىر زور قورقۇنچتىن دېرەك بەرمەكتە ئىكەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتى ئاۋامغا سېتىلمايدىغانلىقى، پەقەت ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئۆمەكلەرنىڭ مۇسابىقە كۆرۈشىگە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرمۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ «مەنبەسى» نى سىرتتىن ئىزدەۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن پاڭ شىڭخۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «تۇنجى بىمار چەت ئەلدىن پوسۇلكا تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن يۇقۇملىنىپ قالغان» دېگەن. ئەمما ۋىرۇسنىڭ كېيىنكى يامرىشى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقتىن نۆۋەتتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر تارقالماقتا ئىكەن.