ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىقى كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبەخانىدىن چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن

ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىقى كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى تەجرىبەخانىدىن چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «ۋول سترېت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىقىىنىڭ بىر يېڭى ئىستىخبارات دوكلاتىدا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى بىر تەجرىبەخانىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىمۇ ئىككى ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ دوكلاتتا كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن ۋۇخەندىكى تەجىربىخانىدىن چىكىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، لېكىن بۇ خۇلاسىنىڭ يەنىلا «تۆۋەن ئىشەنچ» كاتېگورىيەسىدىكى بىر مۆلچەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئ‍ىستىخبارات دوكلاتىنى ئالدى بىلەن «ۋول سترېت ژورنالى» گېزىتى خەۋەر قىلغان.

يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ئ‍ىستىخبارات ئەمەلدارى، بۇ دوكلاتنىڭ يېڭى ئېرىشكەن ئىستىخبارات، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھۆكۈمەت سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق تەييارلانغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىقى CNN غا قىلغان سۆزىدە: «ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى پرېزىدېنتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئاخبارات خادىملىرىمىزنىڭ كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتىكى ئەتراپلىق، ئېھتىياتچان ۋە ئوبيېكتىپ خىزمىتىنى داۋاملىق قوللايدۇ» دېگەن.

ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سوللىۋان 26-فېۋرال CNN نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ئامېرىكا ئىستىخبارات ساھەسىنىڭ يەنىلا ئ‍ىختىلاپتا ئىكەنلىكى، لېكىن پرېزىدېنت بايدېن بۇنىڭ تېگىگە يېتىشكە سېلىنما ئاجراتقانلىقىنى ئېيتقان. 2020-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكانىڭ لاۋرېنس لىۋېرمور دۆلەتلىك تەجرىبەخانىسى مەخپىي دوكلات ئېلان قىلىپ، كوۋىد-19 ۋىرۇسى ۋۇخەندىكى تەجرىبەخانىدىن چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا 2020-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىستىخبارات تارماقلىرى خىتاينىڭ ھەمكارلاشماسلىقى بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىگە يېتىشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى.