خىتاي كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك پۇل-مۇئامىلە ۋە سودا مەركىزى بولغان شاڭخەي شەھىرىنى تاقايدىغان بولدى

خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ شىددەتلىك ئ‍ۆرلىشى سەۋەبلىك ئ‍بۆزىنىڭ ئ‍ەڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە سودا مەركىزى بولغان شاڭخەي شەھىرىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوپۇسى 26 مىليونلۇق شاڭخەي شەھىرى خىتاينىڭ «نۆل كورونا ۋىرۇسى» سىياسىتىنىڭ سىناق مەيدانىغا ئايلانغان. شاڭخەي شەھىرى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈن شەھەرنى تاقاپ، 9 كۈن ئىچىدە ئىككى باسقۇچلۇق كورونا ۋىرۇسى سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتۈن شەھەر خۇاڭپو دەرياسىنى چېگرا قىلغان ھالدا شەرق ۋە غەرب، دەپ ئىككى يۇقۇم رايونىغا ئايرىلىدىكەن. خەۋەردە، بىرىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشىنىڭ 28-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە، ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشنىڭ 1-مارتتىن 5-مارتقىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان قاتناش ئالاقىسى، شىركەت، زاۋۇتلارنىڭ ئىشتىن توختايدىغانلىقى، پەقەت يېمەكلىك تەمىنلەيدىغان ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر ئايدەك ۋاقىتتىن بېرى كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئېلىشىپ كەلگەن شاڭخەي شەھىرىدە، ئۆتكەن شەنبە يەنى 26-مارت كۈنى يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن.

بىر كۈننىڭ ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلار 2631 گە يېتىپ، شۇ كۈنى خىتاي مىقياسىدا بايقالغان بۇ خىل يۇقۇمدارلارنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغانىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شاڭخەيدە بايقالغان يۇقۇم سانى خەلقئارالىق ئ‍ۆلچەم بويىچە ئانچە كۆپ ھېسابلانمىسىمۇ، بىراق «نۆل كورونا ۋىرۇسى» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق خەلقنى ئاچارچىلىقتا قويۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. دائىرىلەر بۇ يىل 1-ئايدا ئ‍ۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيەسىدە بايقالغان يۇقۇمدىمۇ پۈتۈن ئىلى ۋادىسىنى تاقىغانىدى.