ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئائىت گېنېتىكىلىق زور سانلىق مەلۇماتىنى قولغا چۈشۈرگەن

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئاشكارىلايدىغان زور مىقداردىكى ھالقىلىق خىتاي گېن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن. CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئستىخبارات ئورگانلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى ئاشكارىلايدىغان بۇ ھالقىلىق سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلماقتىكەن.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر CNN گە بەرگەن ئۇچۇرىدا، بۇ زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى كاتالوگى خىتاينىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدا تەتقىق قىلىنغان ۋىرۇسىدىن ئېلىنغان DNA خەرىتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

CNN نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىغا قاچان ۋە قانداق ئېرىشكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بىراق خەۋەردە ۋىرۇسلارنىڭ بۇ خىل گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنى ياساش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان ماشىنىلارنىڭ ئادەتتە سىرتقى بۇلۇتنى ئاساس قىلغان مۇلازىمېتىرلارغا ئۇلاغلىق بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئوچۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. CNN نىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بۇ خام سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى تەرجىمە قىلىنىپ، پايدىلىق ئۇچۇرغا ئايلاندۇرۇلماقتىكەن.

بىراق خەۋەردە بۇ خام سانلىق مەلۇماتلارنى پايدىلىق ئ‍ۇچۇرغا ئايلاندۇرۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقى، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ داڭلىق 17 تەتقىقات ئورنى ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەتلىك تەجرىبىخانىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرلاردا بۇ مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ ئامېرىكانى ئەيىبلەپ كەلگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا ئىستىخىبارات ئورگانلىرىغا كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، 90 كۈن ئىچىدە ئ‍ۆزىگە دوكلات قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەنىدى.