خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ دۆلەتلەرنى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئارا ئوچۇق دېڭىزلىق ئورنىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرغاندىن كېيىن، خىتاي مەزكۇر باياناتقا ئېتىراز بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا يۇقىرىدىكى ئەللەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىنى «ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق» دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۈچ تەرەپ باياناتى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق. ھازىر سىلەرنىڭ تىنچلىق ساقلىغۇچى ياكى چاتاق تېرىغۇچى ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان پەيت.»

25-ئىيۇل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇليا بىشوپ ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇميو كىشىدا قاتارلىقلار لائوسنىڭ پايتەختى ۋيېنتياندا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز قائىدە-پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇلار يەنە بۇ دېڭىزغا تۇتىشىدىغان دۆلەتلەرنى دېڭىزدا دەخلىسىز يۈرۈش ئەركىنلىكى ۋە دېڭىز ئۈستىدىن توسالغۇسىز ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

مەزكۇر بايانات لائوستا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بايانات يەنە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ پاراسېل ۋە سپراتېل ئاراللىرى تەۋەسىدە بىر قىسىم سۈنئىي ئاراللارنى ياساپ ھەربىي قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە خەلقئارا سوت خىتاينىڭ زېمىن ئىگىلەش ھەرىكىتىنى قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلغان مەزگىلىگە توغرا كەلدى.

12-ئىيۇل باش ئورگىنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا سوت فىلىپپىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن ئىگىلەش ھەرىكىتى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزگە قاراپ چىقىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر دېڭىزدا تارىخىي ھەققى يوق، دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلغان ئىدى.

10 دۆلەت ئەزا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خەلقئارا سوتنىڭ يۇقىرىدىكى ھۆكۈمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئۈستىدە ئۆزلەشكەن.

ھالبۇكى، يىغىندىكى پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلى، يىغىن ئەھلى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىدە ئورتاق پىكرىگە كېلەلمىگەن ۋە بۇ مەسىلە بىۋاستە تىلغا ئېلىنغان بىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى يۇقىرىقى بوشلۇقنى تولدۇرغان.