خىتاي تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى بى فۇجيەن ماۋ زېدۇڭنى مەسخىرە قىلغىنى ئۈچۈن جازالانغان

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى بى فۇجيەن بۇ يىل ئاپرېلدا دوستلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر ئولتۇرۇشتا ماۋ زېدۇڭنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن يېقىندا جازالانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بى فۇجيەن مەزكۇر ئولتۇرۇشتا قىزىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭنى مەدھىيىلەيدىغان بىر «ئىنقىلابىي ناخشا» تېكىستىگە مەسخىرىلىك سۆزلەرنى قوشۇپ ئوقۇغان. ھالبۇكى، ئولتۇرۇشتىكى مەلۇم بىرى بۇنى ۋىدېئوغا ئېلىپ تورغا قويۇپ بەرگەن.

ئۇنىڭ بۇ ئىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پرىنسىپقا كۆتۈرۈلۈپ قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلگەن. ئۇ تېلېۋىزىيىدە بۇ قىلمىشىدىن ئەپو سورىغان بولسىمۇ، لېكىن مەمۇرىي جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.

خىتاينىڭ «ئىنتىزام تەكشۈرۈش گېزىتى» مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى بى فۇجيەننى «سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق خىلاپلىق قىلغان، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرگەن» دەپ ئەيىبلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ماۋ زېدۇڭنىڭ بەزى سىياسەتلىرى گەرچە 1980-يىللاردا تەنقىدلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوبرازى خىتايدا يەنىلا تەگكىلى بولمايدىغان ئىلاھلىق ھالىتىنى ساقلىماقتا، دەپ كۆرسەتمەكتە.