ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5 نەپەر خىتاينى خاككېرلىق ھۇجۇمى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-09-17
Share

ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى 16-سېنتەبىر كۈنى بەش نەپەر خىتاي پۇقراسىنى خاككېرلىق ھۇجۇمى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. ئۇلار ئامېرىكا ۋە چەتئەللەرگە ئائىت تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى، ۋىدىيولۇق ئويۇن شىركەتلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تېلېفون شىركەتلىرى قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق شىركەت ۋە ئورگاننى نىشان قىلغان خاككېرلىق ھۇجۇملىرىغا چېتىشلىق دەپ قارالماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتە ئالغان قەدەملىرىنىڭ بىر ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى سىڭىپ كىرىش ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 15-سېنتەبىر كۈنى «ئاتلانتىك مۇنبىرى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغاندا بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ «ئامېرىكا خەلقى خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەك، ھازىر ئامېرىكانىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ تېخنىكا جاسۇسلۇقى ۋە سودىدىكى ئادالەتسىزلىكى ئارقىلىق نەچچە ئون مىليونلىغان خىزمەتتىن قانداق قۇرۇق قالغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. خىتايغا قارشى تونۇش ھازىر ياۋرۇپادىلا ئەمەس، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىمۇ پەيدا بولدى،» دېگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبېرن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان سىياسىيونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى سىڭىپ كىرىش ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور تەھدىتلىقىنى ئېيتقان.

بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكا تەپتىش خادىملىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلىدىغان خىتاي خاككېرلىرىنى، يەنە تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىۋاتقان شىركەتلەرگە جاسۇسلۇق ھۇجۇمى يۈرگۈزۈش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەردىن نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق ئەقلىي مۈلۈكنى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت