ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تورلىرىنى ھاكلاشقا چېتىشلىق بىر خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ تور بۇزغۇنلىرىنى جاسۇسلۇق ۋىرۇسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، شاڭخەيلىك خىتاي پۇقراسى يۈ پىڭئەن دۈشەنبە كۈنى لوس-ئانجېلىس ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان.
ئەدلىىيە مىنىستىرلىقى يۈ پىڭئەننىڭ باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ساكۇلا ناملىق جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساكۇلا جاسۇسلۇق ۋىرۇسى 2014-2015-يىللىرى ئامېرىكا فېدىرال ھۆكۈمەت خادىملىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تورىغا كىرىپ، 20 مىليون فېدىرال ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئارخىپىنى ئوغرىلاشتا ئىشلىتىلگەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، تور بۇزغۇنلار گۇرۇھىنىڭ ساكۇلا جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنى قوللىنىپ، بىرقانچىلىغان ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا فېدىرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، يۈ پىڭئەننىڭ ئامېرىكىدىكى ئىككى شەخسنى ساكۇلا ۋىرۇسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، ئۇ بۇ ئىككى شەخسنىڭ بۇ ۋىرۇسنى ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەيىبنامىسىدە فېدىرال ھۆكۈمەت خادىملىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تىلغا ئېلىنمىدى.
رويتېرسنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، بەلكى يۈ پىڭئەن فېدىرال ھۆكۈمەت خادىملىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى-ئوپم نىڭ تورىنى ھاكلاشقا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مەزكۇر ئىشخانىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.