خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.07.01

خىتاي دائىرىلىرى 26-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە باشلانغان 8-قېتىملىق ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ 30-ئىيۇن غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقى ۋە بەش كۈنلۈك يەرمەنكىدە 610 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى توختام ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «يىپەك يولىدىكى پۇرسەتلەر ۋە ياۋرو-ئاسىيانىڭ يېڭى ھاياتلىق كۈچى» ناملىق بۇ يەرمەنكىدە، قىممىتى 610 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان جەمئىي 360 تىن ئارتۇق توختام ئىمزالانغان ئىكەن.

لېكىن خەلقئارادا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يەرمەنكە، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم قامىلىنىڭ بىكار قىلىشىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنى ئېچىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارالىق بايقۇت ۋە جازادىن قۇتۇلۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ 8-قېتىملىق ئۈرۈمچى «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» باشلىنىپ بىر كۈن كېيىن، ئەنگلىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ «شىنجاڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى» نى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئەرزىگە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنى ھەقلىق، دەپ ئېلان قىلغان. ئەنگلىيە يۇقىرى سوتى ئەنگلىيە دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا جىنايى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماسلىقىنى قانۇنسىزلىق، دەپ ھۆكۈم قىلغان. بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تىرىشچانلىقىنى زور غەلىبىسى، دەپ قارالغانىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئۈرۈمچىدىكى بەش كۈنلۈك يەرمەنكىگە 50 تىن ئارتۇق دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قاتناشقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلىرىدىن ھەم بىڭتۈەندىن 2100 دەك كارخانىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.