خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە 3 مەسچىتنى پېچەتلىشى يەرلىك تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.31

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ۋېيشەن ناھىيەسىدە 3 مەسچىتنى «قانۇنسىز سېلىنغان» دېگەن سەۋەب بىلەن پېچەتلەپ، چېقىشقا ئۇرۇنۇشى، يەرلىك تۇڭگانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۆتكەن شەنبە كۈنى مەسچىتنى پېچەتلەشكە كەلگەن ساقچىلار بىلەن يەرلىك تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، بىر قىسىم كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان. خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى ۋېيشەن ناھىيەسىدىكى ئاتالمىش «قانۇنسىز سېلىنغان» 3 مەسچىتنى پېچەتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋېيشەن ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى ۋەقەدە ئادەم تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللەشنى رەت قىلىپ، لېكىن ساقچىلارنىڭ قانۇنسىز ئىبادەتكە قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا ۋېيشەن ناھىيەلىك مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتى مەزكۇر ناھىيەنىڭ خۇيخۇيدېڭ، سەنجا ۋە مامىچاڭ يېزىلىرىدىكى 3 مەسچىتنىڭ «قانۇنسىز سېلىنغانلىقى»، بۇ مەسچىتلەردە «قانۇنسىز دىنىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ مەسچىتلەرنى پېچەتلەش ۋە چېقىشنى قارار قىلغان. لېكىن، بۇ قارار يەرلىك ئېتىقادچى تۇڭگان ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئۆتكەن شەنبە كۈنى مەسچىتنى پېچەتلەشكە كەلگەن ساقچىلار بىلەن مەسچىت ئەھلى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىدى. مەزكۇر ۋەقە خىتاي دائىرلىرىنىڭ تۇڭگانلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان نىڭشيا ۋە گەنسۇدا ئەرەب تىلى مەكتەپلىرىنى تاقاش، ئەرەب يېزىقىنى چەكلەش، بەزى مەسچىتلەرنى چېقىشقا قارشى يۈز بەرگەن نارازىلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر توقۇنۇشتۇر. 

بۇ يىل يازدا دائىرىلەر نىڭشيادىكى ۋېيجۇ مەركىزى مەسچىتىنى «قانۇنژى سېلىنغان» دېگەن سەۋەب بىلەن چېقىشقا بۇيرىغان. بىراق بۇ يەرلىك تۇڭگانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، دائىرىلەر چېقىشنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يول قويۇپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنىنى چەكلەشكە دائىر بەزى تەدبىرلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۇڭگان رايونلىرىغا كېڭەيتمەكتە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش، ساقال قويۇش، ھىجابلىنىش، بالىلارغا دىنىي ئىسىملارنى قويۇش، تەسبىھ تارتىش، ئائىلىلەردە دىنىي كىتاب ۋە دىنىي بۇيۇملارنى ساقلاش دېگەندەكلەرنى ۋە ھەر خىل دىنىي ئىبادەت شەكىللىرىنى چەكلىگەن. خىلاپلىق قىلغۇچىلار «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.