17-ئىيۇن خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇستەقىل تەكشۈرۈش كوللېگىيەسى (خىتاي تەكشۈرۈش كوللېگىيەسى) خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئادەم ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش قىلمىشىنى ئىپادە قىلغان 60 بەتكە يېقىن تەپسىلاتتىن تەركىب تاپقان بىر كېسىمنى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر كېسىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈش ھەرىكىتىدە فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۇيغۇرلار ئاساسلىق نىشان قىلىنغان.
كېسىمدە يەنە: «خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈشى پەقەت يۇقىرى سوممىلىق پايدىنى كۆزلەپ قىلىنغان. بۇ ھەرگىزمۇ بەزى بىئولوگىيىلىك ۋە فىزىكىلىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئورگان تەتقىقاتى بىلەن ئوخشىمايدۇ» دېيىلگەن.
مەزكۇر كېسىم شۇ كوللېگىيەگە يىغىلغان پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش قىلمىشىنى ئەيىبلىشى مەقسىتىدە ئېلان قىلىنغان. گەرچە كېسىمنىڭ قانۇنىي كۈچى بولمىسىمۇ، ئەمما مۇستەقىل تەكشۈرۈش كوللېگىيەسى بۇنىڭ ئورگان كۆچۈرۈشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە تەسەللى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان شۇنداقلا بۇنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتايدىكى ئورگان كۆچۈرۈش مەسىلىسىگە قارىتا ئالىدىغان تەدبىرلىرى ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىيال بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.