خىتاي دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى 27-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى «دۆلەت ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيىسى» نامىدا ھۆججەت ئېلان قىلدى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا، مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدە : «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى» مەركەز ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىۋاسىتە تەستىقلىشى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش ئىستراتېگىيىلىك نىشانىغا ئاساسەن تارقىتىلدى. ھۆججەتتە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان، پۇقرالارنىڭ شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئىتىگە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھى، جىسمانىي ساغلاملىقى قاتارلىقلارغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا زەربە بېرىش تەكىتلەندى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.
مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلار، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويتېرس، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر ۋە ئانالىزلىرىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك ھۆججىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ قاتتىق باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان» لىقى تەكىتلەندى.