يېڭى يىل كىرىشى بىلەن خىتايدا يەنە 20 دىن ئارتۇق شەھەردە قويۇق تۇمان ھەققىدە قىزىل سىزىقلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ 3-يانۋاردىكى خەۋەرلىرىدە يېڭى يىل كىرىشى بىلەن شىمالىي خىتاي رايونىدا قويۇق تۇمانلىق ھاۋا رايى ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى، بېيجىڭ قاتارلىق 72 شەھەردە قېنىق سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكى، خېبىي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭ، شىجاجۇاڭ قاتارلىق 24 شەھەرنىڭ تۇمانلىق بۇلغىنىشى قىزىل سىزىققا يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئۈندىدار قاتارلىقلاردا بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى نۆۋەتتە پۇقرالارنىڭ بۇ شەھەردە ساغلام ياشاش ئىمكانىيىتىنى قويمىغانلىقى مۇنازىرە تېمىسى بولدى.
قىش پەسلىدە خىتاي شەھەرلىرىدە يۈز بېرىدىغان قويۇق تۇمانلىق ھاۋا رايى ھادىدىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانچە ئېغىرلاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ خىل قويۇق تۇماننىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مۇنازىرىلەردە ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان ناچار ھاۋا رايى كىلىماتىغا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات نامىدىكى قۇرۇلۇشتا، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا قوغلىشىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقى سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.