خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ ئىس-تۈتەكلىك ھاۋاسىدىن مەلۇمات بېرىدىغان كۆزىتىش ماشىنىلىرىنى بىر ھەسسە كۆپەيتكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.02.22

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى پايتەخت بېيجىڭنىڭ ئىس-تۈتەكلىك بۇلغانغان ھاۋاسىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىدىغان كۆزىتىش ماشىنىلىرىنىڭ سانىنى بىر ھەسسە كۆپەيتكەنلىكى مەلۇم.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ باشلىقى جاڭ داۋېي شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىپ، بېيجىڭ شەھىرىدە ئەسلىدە بار بولغان 35 ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەش بېكىتىنىڭ نۆۋەتتە 65 كە كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇمكى، خىتاي پايتەختى بېيجىڭ 1990-يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا «ئىس-تۈتەكلىك بۇلغانغان شەھەر» دېگەن نام بىلەن بىلىنىشكە باشلىغان. خىتايدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىنىشى ۋە تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى شامال ئېغىزى ھېسابلانغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇھىتىغا زور تەھدىت پەيدا قىلغان.

مۇھىت تەتقىقاتچىلىرى ھەر يىلى ئەتىيازدا بېيجىڭ شەھىرىگە تەھدىت سالىدىغان قۇم بوران مەنبەسىنىڭ تەكلىماكان چۆللۈكىدىن باشلىنىپ گوبى چۆلى ئارقىلىق بېيجىڭ شەھىرىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇھىت ۋە ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.