خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىككى تور بەتنى دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن فىلىملارنى قەستەن ناچار باھالاش بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.12.29

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولغان CCTV قانىلى بىر پروگراممىسىدا خىتايدىكى «ماۋيەن» ۋە «دوۋبەن» ناملىق ئىككى كىنو باھالايدىغان تور بەتنى خىتاي ئىچىدە ئىشلەنگەن فىلىملەرگە قەستەن تۆۋەن نومۇر بەردى، دەپ ئەيىبلىگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى تور بەتتە چەتئەللەردە ۋە خىتاي ئىچىدە ئىشلەنگەن كىنو فىلىملىرى پۈتۈنلەي تور قوللانغۇچىلىرى بەرگەن يۇلتۇزلار ئاساسىدا باھالىنىدىكەن، بىراق، CCTV خەۋىرىدە بۇ تور بەتنى «دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن فىلىملەرگە تورداشلار بەرگەن 5 يۇلتۇزنى قەستەن ئۆچۈرۈۋېتىپ، بىر يۇلتۇزلارنى قالدۇرۇپ قويدى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما يۇقىرىدىكى ئىككى تور بەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى باياناتىدا بۇنى رەت قىلىپ «فىلىملەرگە بېرىلگەن يۇلتۇزلار تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ مەيدانىنى ئۆز ئەينى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ۋەقە خىتايدىكى مۇنازىرە تور بەتلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. خىتاي تور قوللانغۇچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ كىنوچىلىقتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنى پىكىر ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەن. بىر تورداش ئىنكاسىدا «سىلەر بىزگە بۇ كىنو ناچاركەن دېگىلىمۇ قويمامسىلەر» دەپ يازغان.

خىتايدىكى كىنوچىلىق ساھەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش ۋە چەكلىمىسىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي بۇ يىل 11-ئايدا بىر قانۇن چىقىرىپ «كىنو فىلىملىرى چوقۇم سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.