خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار سانى 10 مىڭغا يەتكۈزۈلمەكچى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 7-قېتىملىق ئاتالمىش شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق يىغىنى ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندا 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى يىلمۇ-يىل كېڭەيتىش ھەققىدە ھەمكارلىق پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىشىم ئىمزالانغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، كېلىشىم بويىچە 2020-يىلىغا قەدەر خىتاي مەركىزىگە قاراشلىق 96، ئۆلكە شەھەرلىرىگە قاراشلىق 227 ئالىي مەكتەپكە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار سانى 10 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر پىلان ئاز سانلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش دەپ تەرىپلەنگەن، ئەمما خەلقئارا ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىرىدە تەربىيىلەشتە يىلسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، بەزى كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر پىلان ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئاڭنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشسا، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئالجىرىيەنى فىرانسىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرغانلار فرانسۇزچە ئوقۇتۇلغان ئالجىرىيەلىكلەر ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىدا چوتنىڭ خاتا سوقۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.