خىتاي مىليونلىغان پۇقرالىرىنى كورونا ۋىرۇسى گۇمانى بىلەن سىناق قىلىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.11.23

ئامېرىكادىكى «بىرلەشمە ئاگېنتلىق خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 23-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلىرىدە يەرلىك يۇقۇمدارلاردىن تارالغان كورونا ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان پۇقرالىرىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، شەھەرنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىنى قامال قىلغان ۋە مەكتەپلەرنى تاقىغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى شاڭخەيدە ئۆتكەن 24 سائەتتە يەنە ئىككى يۇقۇمدار كۆپەيگەن بولۇپ، جەمئىي كېسەل 7 نەپەرگە يەتكەن. يەكشەنبە كۈنى (22-نويابىر) كەچتە شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى سەھەرگىچە 17 مىڭ 719 ئادەم تەكشۈرۈلگەن. ئەگەر يەنە كېسەللەر بايقالسا، ئەتراپتىكى رايون ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈلىدىكەن. تيەنجىندە بولسا 5 كېسەل بايقالغان بولۇپ، بۇ سەۋەب بىلەن 2 مىليون 200 مىڭ ئادەم تەكشۈرۈلگەن، مەكتەپلەر تاقالغان.

مۇتەخەسىسلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ قىش مەزگىلىدە ئەۋج ئېلىپ كېتىش ئېھتىمالى تېخىمۇ چوڭ ئىكەن. گەرچە خىتايدا كورونا ۋىرۇسى تىزگىنلەنگەندەك قىلسىمۇ، ئۇنىڭ قايتا پەيدا بولۇش خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.