خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە توك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن زاۋۇتلار ئىشتىن توختىغان

خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدە ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىپ كېتىشى بىلەن توك ئېھتىياجى ئېشىپ كەتكەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، توك يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ئازايتىش ئۈچۈن سىچۈەن ئۆلكىسى بارلىق زاۋۇتلارنى ئالتە كۈن تاقاش بۇيرۇقى چىقارغان.

خىتاي ھازىر 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىسسىق ھاۋاغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، نەچچە ئون شەھەردە تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن. قاتتىق ئىسسىق ئىشخانا ۋە ئۆيلەردە ھاۋا تەڭشىگۈچكە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەسلىدىلا كەمچىل بولۇۋاتقان ئېلېكتر تورىغا بولغان بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن دەريا سۈيىنىڭ مىقدارى بارغانسېرى ئازىيىپ ۋە تۆۋەنلەپ، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ داۋاملىق توك ئىشلەپچىقىرىشىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەن. ئۆلكە ئەمەلدارلىرى سىچۈەننىڭ توك بىلەن تەمىنلەشتىكى ۋەزىيىتىنىڭ «ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ كەسكىن پەيتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى» ئاگاھلاندۇرغان.

CNN نىڭ ئېيتىشىچە، سىچۈەندىن باشقا يەنە خىتاينىڭ جياڭسۇ، ئەنخۇي ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىرىدىمۇ قاتتىق ئىسسىق تۈپەيلى توكنىڭ خورىشى تېزلىشىپ، توك يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. ئۇلار زاۋۇت ۋە ئائىلىلىكلەر رايونلىرىدا توكنى ئىقتىساد قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان.

ئۇيغۇر رايونى خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى توك يېـتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى توك ئىشلەپچىقىرىش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئىنتايىن مۇھىم نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بازىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاينىڭ ئىچكى ئ‍ۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېلىكتىر ئېنىرگىيە تەمىنات بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان.

بۇندىن باشقا، سىچۈەن ئۆلكىسى خىتايدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيە سانائىتىنىڭمۇ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بولغاچقا، ئۇ يەردىكى زاۋۇتلاردا ئىش توختاشنىڭ خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە خام ئەشيا باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.