خىتايچە تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 10-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە سېربىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
خەۋەردە مۇنۇلار دېيىلگەن:
«شۆھرەت زاكىر پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئىككى ۋەكىلنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالدى. شۆھرەت زاكىر شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش، قانۇن بويىچە ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.»
شۆھرەت زاكىر يەنە رايوندىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتىپ بۇ ئىككىيلەندىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ھەقىقىي ئەھۋالى» نى دۇنياغا تونۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە سېربىيەنىڭ ئەلچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىيارەتتىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، بۇ يەردىكى ئىقتىسادى گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى، كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلىرىنى كۆرۈپ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھەتتا يەنە سېربىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى سېربىيەنىڭ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىشتىكى تىرىشچانلىقى ۋە زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېگەن.
90-يىللاردا سابىق يۈگۈسلاۋىيە پارچىلانغاندىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىپ، بوسىنىيەلىك مۇسۇلمانلار سېربلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلىنغانىدى. بوسىنىيەلىك ھەربىي قوماندان راتكو مىلادىك ۋە ئۇنىڭ سابىق رەھبىرى، بوسىنىيەلىك سېربلاردىن بولغان پرېزىدېنت رادوۋان كارادزىكنىڭ ھەر ئىككىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن سوتلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارىىختىكى مىىللىي قىرىلىش ۋە قىرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن رايون ۋەكىللىرىنى بىرلىكتە دەۋەت قىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قايناتقان ئەنگلىيە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ سوتچىسى جېففېرى نايىس ئەپەندى سابىق يۈگۈسلاۋىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن كېيىنچە سابىق سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولغان سلوبودان مىلوشېۋىچنى بالقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن سوتقا تارتىشقا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بىلەن ھەمكارلاشقان سابىق سوتچى ئىدى.