جوش روگىن: «خىتايدا باش كۆتۈرۈۋاتقان ‹ئېتنىك تازىلاش› دۇنيانى چۆچۈتۈشى لازىم!»

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇندا مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلىگەن كىشىلەر ئەڭ زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېمىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان جوش روگىننىڭ بۇ ھەقتىكى باش ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئېتنىك تازىلاش» شەكلىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ خەۋپى ئالاھىدە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن ماقالىسىدە ھازىر مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك لاگېرلاردا قىيناق ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ھەرقاچان كۆرۈلۈۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن بۇ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىس-بۇسىنى چىقارماي تۇرۇپ ‹ئېتنىك تازىلاش› نى ئىجرا قىلسا بىز قانداق قىلارمىز؟» دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتمىگەن ھالدا قولغا ئالغان ھەمدە لاگېرلارغا قامىۋالغان. ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ھالبۇكى نەچچە مىليون كىشى مۇشۇنداق ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقاندا خەلقئارا جامائەت ئاساسەن بۇ ئىشقا قارىتا سۈكۈت قىلىشنى تاللىۋالغان.

سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ زور كۆلەمدە ياسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل قۇرۇلۇشلار ھەققىدىكى توختام ئېلانلىرىنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشۇ لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان كىشىلەر ئۇ جايلارنىڭ قايسى رەۋىشتىكى مۇدھىش ۋە قاباھەتلىك بىر ماكان ئىكەنلىكى ھەققىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن گۇۋاھلىق بەرمەكتە ئىكەن. ھالبۇكى، دۇنيا يەنىلا بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلماقتا ئىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور كرىزىسقا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇرماقتا ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىدىن كېللېي كۇررىي، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراش زۆرۈرلۈكىنى زور كۈچ بىلەن تەكىتلىمەكتە ئىكەن. ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قانداق قارا كۈنلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىز ئېنىق كۆرمەكتىمىز. دەپسەندە قىلىنغۇچىلارنىڭ بارلىقى بۇ جايدا دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قاباھەت ئۆز نۆۋىتىدە دۇنياۋى مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن. بۇ نۇقتىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۆتكەن ھەپتىدە «ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈش ھەرىكىتىنى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىشى بۇ ھەقنىڭ يالغۇز ئامېرىكىلىقلارغىلا مەنسۇپ بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئەكسىچە بۇنىڭ خۇدا پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئورتاق ھەق ۋە ھوقۇق ئىكەنلىكىدىندۇر» دېگەن سۆزلىرىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

ئاپتور ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت مۇشۇنداق يامانلىشىپ مېڭىۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىپەرۋالىقنى داۋام قىلماسلىقى لازىم، دېگەننى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا جانلىق قىلىپ «بىز باشقا ياققا قارىۋالساقمۇ بولىدۇ. ئەمما ‹بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوقكەنتۇق› دېگەن (كونا مۇقام) نى ئەمدى قايتا تەكرارلىشىمىزغا بولمايدۇ» دەيدۇ.