ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ بىر قىسىم زاپچاسلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇشقا تەييارلانماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ بىر قىسىم ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات زاپچاسلىرىنى ياۋروپا بازىرىدا ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى باج قويۇشقا تەييارلىق قىلماقتىكەن. ئەنگلىيە «ئېكىسپرەس» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئىستېمالچىلارنى ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارغا يۈزلەندۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا خەۋپ يەتكۈزگەن. خەۋەردە، بىريۇسسېلنىڭ خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش پىلانى خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىلانى كېلەر يىلى 2-ئايدىن باشلاپ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بولت، رەزمىلىك تۆڭگە قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار، كىرئالغۇ، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى، كومبايىن، ئاپتوموبىل قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھالقىلىق زاپچاسلىرىغا 86. 5 پىرسەنت باج قويۇش ئىكەن. ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ بۇ پىلانى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېر لېيىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق كونكرېت تەدبىر قوللانمىغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«ئېكسپرەس» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ پىلانى ياۋروپادىكى زاپچاس ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق توپ تارقاتقۇچىلاردا زاپچاس باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشىنىمۇ قوزغىغان. لېكىن ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقى يەنىلا ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قارارىغا باغلىق ئىكەن.