گېرمانىيەدە خىتايدىكى موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.04.19

18-ئاپرېل كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېرمانىيىنىڭ كرون شەھىرىدە خىتايدىكى موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادا مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى.

يىغىنغا ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق بىرلىكى، ياۋروپادا قۇرۇلغان موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار قاتناشقان.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيىدىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شى خەيمېن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ئىچكى موڭغۇلدا ياشاۋاتقان موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ھازىرغىچە رېجىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئاتاقلىق موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادانىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.