ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» «5-ئىيۇل نامايىشى» نىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋانلىقلارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.
دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف ۋە جەيمىس مىكگوۋېرنلارنىڭ ئورتاق رەئىسلىكىدىكى مەزكۇر كومىتېت بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: كومىتېت نامايىشنىڭ 4 يىللىقنى خاتىرىلەيدۇ ۋە خىتايدىكى بارغانچە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
باياناتتا 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى نامايىشنىڭ يېقىنى 30 يىل مابەينىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ئىرقىي توقۇنۇش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى قوبۇل قىلغىنى بولمايدۇ. 2009-يىلى 5-ئىيۇل قولغا ئېلىنغان مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ كۆپىنچىسىدىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئىزچىل باستۇرۇپ كەلمەكتە.
باياناتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، سىياسىي، مەدەنىي باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقى ۋە قانۇننىڭ سىرتىدا قەتلى قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت دوكلاتلار بارلىقى كۆرسىتىلدى.
باياناتتا ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نىشانلىق ۋە ھۆكۈمەت ھىمايىسىدىكى زوراۋانلىقلارنى توختىتىشقا ۋە بارلىق پۇقرالىرىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىمىز.
«توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بىرى.